ئۇيغۇر دىيارىدا «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە كۆرۈش» نى تېخىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.03.07

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر بۇنى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەمدە تەدبىقلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئىككى يىغىن» نىڭ خىتاي ۋەكىللىرى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نى كۆپلەپ تەتبىقلىغاندا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دەپ قارىلىدىغان پروفېسسور نيۇ رۇجى بۇ ھەقتە ئالاھىدە سۆز قىلىپ: «پەقەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇملاشتۇرغاندىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىي كىملىكى چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشى» ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئانالىزچى ۋىكى شۈ «خىتايدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەۋجۇت دېگەنلىك بەكمۇ ئېچىنىشلىق لاپ ئۇرۇش» دېگەن ئىدى. دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى» مەزمۇندا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى مۇشۇ «قانۇنلار» بويىچە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانىدى. نۆۋەتتە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئالاھىدە يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ قاتتىق بولغان كونتروللۇقنىڭ بېشارىتى، دېيىشمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.