جاڭ چۈنلىن قەشقەردە مەدەنىيەت-مائارىپ، تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-03-25
Share

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى جاڭ چۈنلىن 22-، 23-مارت كۈنلىرى قەشقەردە «تەكشۈرۈپ تەتقىق» قىلىشتا بولغان ھەمدە «شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مەدەنىيەت-مائارىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

جاڭ چۈنلىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە ئۇلاردىن «پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تېمىسىنى ئاساس قىلغان تەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشنى، «ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مائارىپقا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت تىلىنى قوللىنىش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتى خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆپ قاترايدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، جاڭ چۈنلىن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلارمۇ قەشقەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە خىتاي ئېڭى، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى مائارىپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان بولۇپ، جاڭ چۈنلىن قەشقەردە بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى قايتا تەكىتلىگەن، شۇنداقلا بۇنىڭلىق بىلەن قالماي يېڭى-يېڭى ئۇسۇللارنى ئويلاپ تېپىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت