قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۇلبانۇم روزىيېۋا يېقىندا قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى- «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ 10 يىلدىن بېرى غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان.
«ئاتايۇرت پىداىلىرى» نىڭ رەھبىرى بېگزات مەقسۇتخاننىڭ يېقىندا رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، گۇلبانۇم روزىيېۋا 8-ئۆكتەبىر كۈنى «ئاتايۇرت پىداىلىرى» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجىدا ئىككى چوڭ دادىسى، بىر تاغىسى، دادا جەمەت نەۋرە تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ غۇلجىدىكى بىر يېزىدا ياشايدىغانلىقى، 10 يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 57 ياشلىق گۇلبانۇم روزىيېۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئولتۇرۇشلۇق كەنتتىكى 1500 دەك نوپۇسنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ بۇ كەنتتىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كەنتلىك ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى ئۇچرىتالمىغان. «ئاتا-يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ رەھبىرى بېگزات مەقسۇتخان رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ ئەھۋال گۇلبانۇم روزىيېۋانى بۇ كەنتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمانغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 14-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق نۇرغۇن كەنتلەرنىڭ ئادەمسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى كىشىلەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، بەزىلىرى كېسىۋېتىلگەن. ئۇ «زورلۇق بىلەن غايىب قىلىۋېتىش بۇ رايوندا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. ھەرقانداق كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىشى، كوللېكتىپ يوقىتىۋېتىلىشى مۇمكىن. . . شۇڭا بۇ رايوندىكى بەزى كەنتلەردە ئادەم ئازىيىپ كېتىش، ھەتتا يېزا-كەنتلەردە ئادەم قالماسلىق ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە،» دېگەن.