خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ 3-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا يەركەن، چاقىلىق، كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە يېڭىدىن 4 ئايرودروم قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئايرودروملارنىڭ سانى 22 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ۋە شىمالدىكى 4 ئايرودرومنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان بۇ ئايرودروملار «بوشلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان. خىتاي يەنە كەلگۈسى 5 يىلدا 15 ئايرودروم قۇرۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى «پۇقرالار ئايرودرومى» نى 37 گە يەتكۈزمەكچى ئىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە زور مەبلەغ سېلىپ ئايرودروم قۇرۇشى ئىچكىرى خىتايدىن بۇ جايلارغا ئادەم يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى خىتايغا قۇل ئىشچى يۆتكەش ھەمدە جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر يۆتكەشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ خىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى بازا قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا كېڭەيمچىلىك قىلىش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئايرودروم قۇرۇش جەريانىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش، نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش، كۆچمەن نوپۇسلارنى يەرلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشنىمۇ پىلانلىماقتىكەن.