خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 10 ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 10 ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكادىكى «يولۇچى» ناملىق تورنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ غەربىي-شىمالدىكى بۇ رايون بىلەن ھاۋا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا مەزكۇر رايوننى ھاۋا قاتناش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا باشقا رايونلارغا يۆتكىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇل ئەسلىھەلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، رايوننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ھاۋا، تۆمۈريول ۋە تاشيول قاتنىشىنى تورلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلىپ كەلگەن ئىدى.

«يولۇچى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى» بۇ مەبلەغنىڭ تۇرپان، تاشقورغان، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، كېرىيە، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق جايلاردىكى مەۋجۇت ئايرودروملارنىڭ كېڭەيتىلىش قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى» ئاقسۇ ۋە غۇلجا ئايرودروملىرىنىڭ يېڭى تېرمىنال قۇرۇلۇشى بۇ يىل 7 ۋە 8-ئايلاردا پۈتۈپ، ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى، تاشقورغان ۋە تۇرپان ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى 4 ۋە 6-ئايلاردا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت