خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئايرودروم كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقچى

1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل لاگېرلاردا ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە 42 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك ئايرودروم كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى داشىڭ ئايروپورت قۇرۇلۇشنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ «خەلقئارالىق ھاۋا قاتنىشى تۈگۈنىگە ئايلىنىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ 2030-يىلىغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى، كېڭەيتىلگەن ئايرودرومنىڭ ھەر يىلىغا 63 مىليون يولۇچى ۋە 750 مىڭ توننا يۈك توشىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇشتا ئەسلى بار بولغان ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ يېنىغا يەنە ئىككى يول قوشۇپ كېڭەيتىلىدىكەن.

خەۋەردە نېفىت ۋە قېزىلما بايلىق مول بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىدىكى ئاساسىي تۈگۈن ئىكەنلىكى، شۇ ۋەجىدىن يېقىندىن بۇيان بۇ رايوندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولاپ تۇرۇپ، ئەمدىلىكتە رايوننىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشى شۈبھىلىك ئىكەن.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ باشلىغان ئاتالمىش «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان زۇلۇملار ھەسسىلەپ ئاشقان. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر كېڭەيتىلگەن ئايرودروم قۇرۇلۇشىمۇ يەرلىكلەرگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن.