يېقىندا ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بىڭتۇەن دۇنيادىكى 800 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت بىلەن مەنپەئەتدار ئىكەن

ئامېرىكادىكى «سايارى» ناملىق سودا سانلىق مەلۇمات تورى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ دۇنيادىكى 800 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت بىلەن مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈك كونترول ئىشخانىسىنىڭ بىڭتۇەنگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى بۇ ئىشخانا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەردە «بۇ جازا بىڭتۇەننىڭ دۇنيا تەمىنات زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، زەنجىرسىمان تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى مۈلۈك كونترول ئىشخانىسى 31-ئىيۇل كۈنى بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ ئىككى رەھبىرىگە ئۇلارنىڭ ئۇغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشتىكى رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. يۇقىرىقى سودا سانلىق مەلۇمات تورىنىڭ ئۇچۇرىدا، بىڭتۇەننىڭ 147 دۆلەتتىكى 862 مىڭ 600 شىركەت بىلەن مەنپەئەتدار ئىكەنلىكى، بۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە شۇنداقلا ۋىرجىن ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2114 شىركەتنىڭ ئامېرىكادا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 12 % نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 17 % نى ئىگىلەيدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭدا ئېتنىك تازىلاش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچغىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بېيجىڭنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.