رويتىرىس ئاگېنتلىقى يېقىندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ۋە ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن شارائىتلاردىن ئاز تولا مەنپەئەت ئېلىۋاتقان 20 كىشىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
زىيارەت قىلىنغۇچىلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلغان. بىر رېستوران ساھىبى ئۆزىنىڭ بىرقانچە ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبتىكى يۇرتىغا قايتقانلىقىنى ۋە ئۇنى ئايلاپ ساقلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى يازسا، يەنە بىر زىيارەت قىلىنغۇچى، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە يىغىن قاتارلىق پائالىيەتلەرگە كۆپ زورلىنىپ، زېھنىنىڭ ۋە ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز تىجارىتىگە ئاجرىتالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىن پەقەتلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش ۋە سودىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقىسىغا قاراپ چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىر شىركەت ساھىبى بىخەتەرلىك تەدبىرى نامى ئاستىدا ئۇشتۇمتۇت ئىنتېرنېت ۋە تېلىفونلار كېسىلىدىغانلىقى، بىر قىسىم سودا يىغىلىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا بىكار قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ سودا-تىجارەتنى كوپ ئاقسىتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خۇلاسە سۈپىتىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىغانلىقى يېزىلغان.