ئاقسۇدا خىتاينىڭ «چاغانلىق مەسنەۋى» سىنى ئۆيلىرىگە تەتۈر چاپلاپ قويغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر جازالانغان
2023.01.23
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە نوۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلىشىنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش» نامىدا ئىزچىل چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىلمۇ يېزا-كەنتلەردە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئشىك-دېرىزىلىرىگە چاغانلىق مەسنەۋىي چاپلىشى، پانۇس ئېسىشى ۋە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاغانلىق تامىقى بولغان تۈگرە ئېتىپ يېيىشىنى يولغا قويغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رادىيومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدا خىتايچە بىلمىگەچكە ئۆيلىرىگە چاغانلىق «مەسنەۋىي» نى تەتۈر چاپلاپ قويغان ئائىلىلەر جازالانغان. د ئۇ ق نىڭ 23-يانۋار كۈنى بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئاقسۇ يېزىلىرىدا «مەسنەۋىي» نى تەتۈر چاپلاپ قويغان بۇ ئائىلىلەردىن 178 كىشىنىڭ جازالانغانلىقى، 3 كىشىگە مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى كەمسىتكەن» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا «ھەممە ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىي مەسنەۋىي چاپلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى» نى رەت قىلغان.
بۇ نۆۋەتچى ساقچى خادىمى گەرچە «ھەممە ئائىلىنىڭ مەجبۇرى مەسنەۋىي چاپلىشى» تەلەپ قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «پامىر ئگىزلىكىدىن تارىم دەرياسى بويلىرىغىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە. . . ئاساسىي قاتلام ئالدىنكى سېپىدىكى كادىرلارنىڭ كەڭ ئامما بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، چاغان ئۆتكۈزگەنلىكى» كەڭ خەۋەر قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر بەزى جايلاردا ئۇيغۇرلارنى «چاغان ئۆتكۈزۈپ، ھاراق ئىچىش، چوشقا گۆشى يېيىش، چوشقا مېيىدا ياسالغان گۈرۈچ تورتى يېيىش، ھەتتە ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش، بۇتخانىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقى ئىپادىلىشىنى تەلەپ قىلغان» ئىكەن.