خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇيىل 30-ئىيۇنغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا 1156 كونا مەھەللە چېقىپ تاشلانغان. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئاھالە 200 مىڭ كشىگە يېقىن ئىكەن.
خەۋەردە بۇ خىل كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ تاشلاش «خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ خەلققە بەخت يارىتىش» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمما تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىن مەلۇم بولغان خەۋەرلەر چېقىپ تاشلانغان كونا مەھەللىلەردىكى كىشىلەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلغا يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق بىنالاردىن ئۆي سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ خىتايلار ئاساسلىق نوپۇس بولغان رايونلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللىرى قەشقەر شەھىرىنى چېقىشتىن باشلانغان بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «كونا ۋە قالاق رايوننى چېقىش» ھەركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆپلەپ ۋەيران قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى تەييارلاپ چىققان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى» ناملىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشى، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى تېزدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا يول ئېچىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.