خىتاي ئەمەلدارى: «ئەزان چاقىرىلمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ سائىتى بار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.22

ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن چەتئەل مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. بلۇمبېرگنىڭ مۇخبىرى 22‏-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارەتتە كۆرگەنلىرىنى، شاھىت بولغان ھادىسىلەرنى، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.

«خىتاي تۇتقۇندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ئىختىيارى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى 3 قەۋەتلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەن دېسىمۇ، لېكىن ئىشىك-دېرىزىسى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن قاپلانغان بۇ ئورۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا چىقالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى مەمەت ئېلى «بلۇمبېرگ» مۇخبىرىنىڭ «ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە كېلىشنى رەت قىلسا قانداق بولىدۇ؟»، دېگەن سوئالىغا «ئەگەر ئۇلار كەلمىسە، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەن. قەشقەردىكى ۋاڭ چيۇبىن ئىسىملىك بىر يەرلىك پارتىيە رەھبىرى قەشقەردە ئەمدى ئەزان ئوقۇلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا سائەت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ساقال ھەققىدە توختىلىپ، ساقال قويغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى فرانسىيەدە پارتلىغان سېرىق چاپانلىقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا سېلىشتۇرغان.

دائىرىلەر يەنە مۇخبىرلارنى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرۇپ، بۇ ئورۇندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشكە يول قويغان. «بلۇمبېرگ» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئورۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقى سورالسا، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىمدا خۇددى يادلىۋالغاندەك ئوخشاش سۆزنى تەكرارلىشى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، «مەن بۇرۇن ئاشقۇنلۇق ئىدىيىسى بىلەن يۇقۇملانغان»، «مەن بۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كەلدىم» دېگەن سۆزلەر بۇ «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل تەكىتلەيدىغان سۆزلەر ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ گوشياڭ «بلۇمبېرگ» مۇخبىرىنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئوخشاش سۆزنى تەكرارلايدۇ؟، دېگەن سوئالىغا «چەتئەللىكلەرنى كۆرۈپ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.