خىتاينىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۇيغۇر رايونىدا «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك» بەرپا قىلالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-03
Share

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمى يېقىندا بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىپ، «شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش» نىشانى بەلگىلەنگەن ھەمدە بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسىدا كەلگۈسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى قوغداش تەكىتلەنگەن.

بۇ يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشقان ۋە «يىراقنى كۆزلىگەن سىياسەتلەر تۈزۈش، مۇقىملىقنى كۆزلىگەن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان كۈچلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى دىن، مىللەت ۋە ئوخشىمىغان پارتىيە-گورۇھلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ھالقىپ، يۇمشاق كۈچ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىرىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن بولسا ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بۇنى تونۇپ يېتىپ، خىتاينىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە بىڭتۇەن ئەمەلدارلىرىغا چەكلىمە قويدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى بىرلىك سەپ ئورۇنلىرى ئىلگىرى مىللىي، دىنىي مەسىلىلەرنى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ھەل قىلىپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، كومپارتىيەنىڭ دىكتاتورلۇق ئاپپاراتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بىرلىك سەپ بۆلۈمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇمشاق كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زوراۋانلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقان بىر ئورۇندۇر. خىتاي كومپارتىيەسى شۇنى بىلىدۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك» ھەرگىز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ قانداقتۇر «ئوخشىمىغان قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، خىتاينىڭ قوراللىق كۈچى ۋە ساقچىلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت