ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئىشقا ئېلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى

يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرى ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئىشقا ئېلىشنى رەت قىلىدىغانلىقى ئ‍اشكارلاندى.

15-ئىيۇل ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل كارخانا، ھەتتا مېھمانخانىلارمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئىشقا ئالمايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى خىتايدىكى كىچىك كۆلەملىك ئامانەت قەرز مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان پۇل-مۇئامىلە شىركىتى- «پىڭئەن ھېۋلېت-پەككارت شېركىتى» نىڭ ئۈرۈمچى «نۇرلۇق يولى» دىكى تارماق شىركىتىگە ئىشقا ئىلتىماس قىلغان.

بىراق بۇ شىركەتنىڭ كادىرلار بۆلۈمى بۇ قىزغا ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئىشقا ئ‍المايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان. بۇ شىركەتنىڭ مەزكۇر قىز ئوقۇغۇچىغا ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي ياكى تۇڭگان بولسا قوبۇل قىلىدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانىدىمۇ خىتاي، تۇڭگان ياكى موڭغوللارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان.

بۇ شىركەتنىڭ سۇن فامىلىلىك بىر خادىمى رادىيومىزنىڭ مۇخبىرىغا «ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېىھتىياجى يوقلىقى» نى ئېيتقان. بۇ ئۇچۇر ئامېرىكادىكى «كلوب خاۋس» ناملىق ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان. ئامېرىكادىكى خىتاي ئادۋوكات تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە نوقۇل بىر شىركەتنىڭ ھەركىتى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر دۆلەتنىڭ ھەركىتى بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەلىلى بولىدىكەن.