قەشقەر تەۋەسىدە يېڭىدىن ئۈچ تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشى، يەركەن ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىدە بىردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتىپى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر «يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا نەق چۈشىدىغان تۈرلەر» دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنداقلا بۇنىڭدا رېمونتچىلىق، قۇرۇلۇش، ساتىراشلىق، ئاشپەزلىك، تىككۈچىلىك، كەپشەرلەش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە بۇنىڭ «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەمدە ياراملىق كەسىپ ئەھلىنى تەربىيەلەش» تەدبىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە شەرھىلەنگەن. مائارىپ نازارىتىدىكى بىر مەسئۇل خىتاي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز بۇنىڭدا بىر قولدا مائارىپنى، يەنە بىر قولدا كارخانىنى يېتەكلەپ مېڭىش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىمىز. يېقىن كەلگۈسىدە ھەر بىر ناھىيەدە بىردىن تېخنىكوم مەكتىپى قۇرىمىز،» دېگەن.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەكتەپلەردىكى كەسىپلەرنىڭ ئىزچىل خەلقئارادا تەنقىد ئوبيېكتى بولۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» ساھەسىدىكى تۈرلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئاتالمىش تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە نامى ئۆزگەرگەن لاگېرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەكتەپلەرنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» كە باغلىشىنىڭمۇ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.