خىتاي دائىرىلىرى چىتەي ناھىيەسىدە بىر مەسچىتنى پېچەتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.06.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چىتەي ناھىيەسىدە بىر مەسچىتنى پېچەتلەپ، مەزكۇر مەسچىتنىڭ قازاق خاتىپى ۋە ئۇنىڭ 2 پەرزەنتىنى تۇتقۇن قىلغان.

چەتئەلدىكى قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر مەسچىتنى «قۇرۇلۇش قائىدىسىگە خىلاپ سېلىنغان» دەپ، پېچەتلەپ، بۇ مەسچىتنى سالدۇرغان ۋە ئۇنىڭغا خاتىپلىق قىلىۋاتقان توقتارقان تۆلەۋقاننى بۇ يىل 15‏-ماي كۈنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركىزى» گە يوللاپ بەرگەن.

چەتئەلدىكى قازاق پائالىيەتچىلەر يەنە، دائىرىلەرنىڭ توقتارقاننىڭ بىر ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستاندا ئوقۇيدىغان قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركىزى» گە تەربىيىلەشكە يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توقتارقان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» 6‏-دېۋىزىيەسىنىڭ 110‏-پولكى 2‏-مىللىي روتىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ، بۇ مەسچىتنى بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ تەستىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىدە سالدۇرغان ئىكەن.

6‏-دېۋىزىيەنىڭ 110‏-پولكى چىتەي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ، چىتەي يېزا ئىگىلىك مەيدانى ۋە كارىز يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەزكۇر پولكنىڭ 5000 ئاھالىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ 300 نەپىرىنى قازاقلار تەشكىل قىلغان.

چەتئەلدىكى قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقتارقان تۆلەۋقان تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇ، 2-روتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جىنازا نامىزى، نىكاھ ئوقۇش قاتارلىق ئادەتتىكى دىنىي ئېھتىياجلىرىدىن چىقىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئادەتتىكى دىنىي قائىدىلەر دائىرىلەرنى بىئارام قىلىپ كەلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 1‏-ئاپرېل «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن دىنىي قائىدە، دىنىي سىمۋوللارنى «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.