خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ناھىيەلەرگە كۆپلەپ زاسېداتىل قوبۇل قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.06

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى ناھىيەلىك سوت مەھكىمىلىرىگە كۆپلەپ زاسېداتىل قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە، بۇ ناھىيەلەردە كۆپلەپ زاسېداتىل قوبۇل قىلىشنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك سوتلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمىغا قاماق جازاسى بېرىپ، ئۇلارنى ئىچكىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلاردا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى يېقىندا مەزكۇر ناھىيەگە 96 نەپەر زاسېداتىل قوبۇل قىلغان. زاسېداتىللار مەزكۇر ناھىيەنىڭ ھەر قايسى كەنت، ئىجتىمائىي رايون ۋە ئىدارە جەمئىيەتلىرىدىن تاللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 96 نەپەر زاسىداتىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ئوخشاش مەزگىلدە يەنە كەلپىن ناھىيەسى 23 نەپەر زاسېدالنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن.

خەۋەردە، بۇ 23 نەپەر زاسىداتىلنىڭ كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردە بۇرۇن قانچە زاسېداتىل قوبۇل قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قاماق جازاسى بېرىپ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، خېيلوڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن. يېقىندا بۇ ئۆلكىلەرنىڭ بەزى تۈرمىلىرىدىكى خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ يۆتكىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.