ئامېرىكا ئەلچىخانىسى: «غالىمبېك شاغىماننىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.11

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 11‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان قازاق پۇقراسى غالىمبېك شاغىماننىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە «ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر» بىلەن غالىمبېك شاغىماننىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئالاقىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق قازاق تىجارەتچى غالىمبېك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولى ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تايلاند ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرمەكچى بولغان. بىراق قازاقىستان دائىرىلىرى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ قازاقىستانغا كىرىشىنى رەت قىلغان شۇنداقلا ئۇنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇۋەتكەن.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى رەت قىلغان ئىدى. غالىمبېك 7 ۋە 8‏-فېۋرال كۈنلىرى تاشكەنت ئايرودرومىدا تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «بىز، 3‏-دۆلەتنى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى، ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى بۇ شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قوغدىنىش تەلىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ھەم ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

غالىمبېكنىڭ تاشكەنت ئايرودرومىدىكى ۋاقتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تاشكەنتتىكى ئەلچىخانىسى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئىكەن. نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇنى تايلاندقا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، غالىمبېكنىڭ 9‏-فېۋرال كۈنى تايلاندقا ئۇچۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، ئازادلىق رادىيوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى سىياسىي پاناھلىق دېلولىرىنىڭ مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھەققىدە ھەرقانداق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇشى بۇرۇن نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىپ، رايوندىكى بىر يېرىم مىليوندەك قازاق بۇنىڭدىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىكەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلدىن باشلاپ قازاقلارنىمۇ ئوخشاشلا لاگېرلارغا سولاش ۋە تەقىبلەشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.