خىتايدىكى ساياھەت ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەمدە ساياھەتچى ئەۋەتىشكە ھازىرلانغان

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 30-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكىرى خىتايدىكى ساياھەت ئۆمەكلىرى «شىنجاڭغا مىڭ ئۆمەك ئاپىرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى 2020-يىل كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەتلىرىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى 300 مىڭدىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنى خىتاي ساياھەت جەمئىيىتى باشلىغان بولۇپ، خىتايدىكى 100 دىن ئارتۇق چوڭ ساياھەت شىركەتلىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. ئۇلار بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئۇيغۇر رايونىغا 1000 دىن ئارتۇق ئۆمەك ئەۋەتىدىكەن. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ «شىنجاڭ ياخشى ماكان» ناملىق سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ساياھەت ئۆمەكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا كۆپلەپ ساياھەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۇ رايوننىڭ ئەمدى خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن تىنچ، خاتىرجەم، ئەۋزەل بىر رايونغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا ياشاشقا جەلپ قىلماقچى ئىكەن.