خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ۋە ئائىلە مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «گۈزەل ئائىلە» نامىدا بىر ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتمەكتىكەن.

خىتايدا چىقىدىغان «شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى» ۋە «شىنجاڭ ئاياللار ئاۋازى» ناملىق تور بەتلەردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتى، ئۆي بېزەش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان ئىكەن. ئاۋات ۋە نىيە قاتارلىق ناھىيىلەردە ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنلىرىدا ئاۋام خەلقتىن ئۆيلىرىدىكى گىلەملەرنى چۆرۈۋېتىش ۋە سۇپىلىرىنى چۇۋۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا كارىۋات ئېلىش تەلەپ قىلىنغان. 

ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكىدەك جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «رەھبىرى كادىرلار نەق مەيداندا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنى گىلەملىرىنى تاشلىۋېتىشكە، سۇپا (كاڭ) دا تاماق يەپ، سۇپا (كاڭ) دا ئۇخلايدىغان، بالىلار تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ كاڭدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، تاماقنى تاماق ئۈستىلىدە يەپ، ئۇيقۇنى كارىۋاتتا ئۇخلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى.» 

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 

ئۇلار ئېغىر مىللىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكادىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ تۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا «مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا، مەن بۇ ھەرىكەتنىڭ روھىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بېرىدىغان زەربىسىنى لاگېرلار بېرىدىغان زەربىدىنمۇ ئېغىر دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ بىر ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكىنىڭ بىردىن-بىر پاناھگاھى بولغان ئۆينىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،» دېگەن. 

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە گىلەم سېلىش، سۇپىغا داستىخان سېلىپ مېھمان كۈتۈشتەك ئادەتلىرىنى قالاقلىق دەپ سۈرەتلىگەن ۋە يوليورۇققا بىنائەن ئۆيلىرىدىكى سۇپىلارنى ئېلىۋەتكەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلىغان. «شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى» تورىنىڭ 13-ماي كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىكى سۈرەتلەردە ئاۋات ناھىيىسى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە ئۆيلىرىدىكى سۇپىنى چۇۋۇۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئائىلىلەرنىڭ سۈپۈرگە، چېلەك ۋە توك قازان بىلەن مۇكاپاتلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت