خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2035-يىلغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14-بەش يىللىق ۋە 2035-يىلغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئ‍ېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئ‍ۆزگۈرۈش بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئ‍ستىراتېگىيەسى» ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى داۋاملىق ئ‍ىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان 13-بەش يىللىق پىلانى «شىنجاڭ تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ھەل قىلغۇچ باسقۇچ» بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يۇقىرىقى پىلاننى ئەمەلگە ئ‍اشۇرۇشى ئۈچۈن «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بىلەن تەمىنلىگەن.»

خىتاينىڭ بۇ پىلانى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليون 800 مىڭدەك كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگلدە ئېلان قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىگە قارىتا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىش، بىڭتۇەننىڭ رولىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق تونۇشى» نى تېخىمۇ ئىشقا ئ‍اشۇرۇش ئىكەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى ۋە 2035-يىلغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەزگىلدىكى نىشاننىڭ «سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىقنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئىشقا ئ‍اشۇرۇش» ئ‍ىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.