خۇالىڭ گۇرۇھى چىرىيە ناھىيىسىدە باقمىچىلىق بازىسى قۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەدبىرلىرىنىڭ بىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى بولۇپ، يېقىندا بىر مىليارد سوم (تەخمىنەن 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق چىرىيە ناھىيىسىدە «خۇالىڭ كالا باقمىچىلىق ئۇنىۋېرسال بازىسى» غا ھۇل سېلىش قۇرۇلۇشى باشلاندى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى باسقۇچلۇق بۇ قۇرۇلۇش 2025-يىلى تاماملىنىدىغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن 60 مىڭ تۇياق كالا بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.

خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى گو شياڭياڭ بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق «كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئېكېلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئ‍ۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ بۇنداق زور كۆلەملىك چارۋا باقمىچىلىقى ھەمدە زور مىقداردىكى گۆش بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر سەلبىي ئاقىۋىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تەنقىدچىلەر «بۇنداق زۇر قۇشخانىدىن چىققان غايەت زور چىرىندى ئەخلەتلەر ئەمىلىيەتتە چىرىيە ناھىيىسىنى سېسىقچىلىققا كۆمۈۋېتىدۇ» دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ئاتالمىش «كالا باقمىچىلىقى بازىسى» نىڭ ئۆتكەندە شەپىسى چىقىپ يوقاپ كەتكەن غايەت زور كۆلەملىك «چوشقا باقمچىلىق بازىلىرى» نىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ چوشقا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئالغا سۈردى.