يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدا ھۆكۈمەت چەكلىگەن «قانۇنسىز» ئۈن-سىن بۇيۇملىرىغا چېتىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا تور سۈزگۈچى ئارقىلىق «توردا قانۇنسىز ئۇچۇرلار ۋە مەزمۇنلارنى تارقىتىش» قىلمىشى سادىر قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى بايقىغان ۋە قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر ئۆتكەن بىرنەچچە يىل ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنغان 15-تۈركۈم كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان 12 كىشىنىڭ بەشى خىتاي بولۇپ، قالغانلىرى ئالتە ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق ئىكەن. بۇ خىتايلارنىڭ بەزىلىرى ئۈندىدار ياكى يانفونلاردا «شىنجاڭدا ۋەقە چىقتى! ئۈرۈمچىدە مالىمانچىلىق بولدى!» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. ئۇيغۇرلار بولسا پۈتۈنلەي «دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەن ھەمدە ساقلىغان» دېگەندەك ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا شەخسلەرنىڭ يانفونىدا دىنغا ئائىت ھەرقانداق مەزمۇن، جۈملىدىن «قۇرئان» ئايەتلىرىنىڭ بايقىلىشىمۇ ئېغىر جازاغا ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما خەلقئارا جامائەت يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى پۇقرالارنىڭ پىكىر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغقانلىق، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىكەن.