يېقىندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىدا «بىرەر ھەپتە داۋام قىلىشى مۇمكىن» دېگەن «قامال قىلىش» تەدبىرلىرىنىڭ بىر ئاي بولغىنىغا قارىماي تېخىمۇ كۆپ جايلارغا ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئامېرىكادىكى «دەۋرلەر» گېزىتىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ھەر كۈندىكى يېڭى يۇقۇمدارلار سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىلەر رايونىنىڭ «قامال» قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە قامالدىكى ئاھالىلەرگە لازىملىق كۈندىلىك بۇيۇملار سودىسىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەخسۇس كىشىلەر ۋاكالىتەن بېجىرمەكتىكەن. خىتاي ئانالىزچىلاردىن تاڭ جىڭيۇەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ يېڭى تەدبىر ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى توققۇز ئىكەنلىكى، ۋىرۇس سەۋەبلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ 576 ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ھالبۇكى يەرلىك خىتايلار نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ناھىيە ۋە شەھەرلەر، شۇنىڭدەك بارلىق ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاڭخەيدىن ۋەلسېپىت مىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن خىتاي سەيياھ بۇ خىل قامال قىلىش تەدبىرلىرىدىن قاقشاپ «ھۆكۈمەت زادى كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتامدۇ، مەن بۇنى بىلەلمىدىم» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىمارلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ گۇمانىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ۋىرۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى «ئىشەنچلىك ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.