خىتاي تاراتقۇلىرى: «ئالاتاۋ ئېغىزىدىكى 3 يۇقۇمدار چەت ئەلدىن كىرگەن دېلتا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان»

خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ ئېغىزى شەھىرىدە يۇقۇملانغان 3 يۇقۇمدارنىڭ «چەت ئەلدىن كىرگەن دېلتا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئالاتاۋ ئېغىزى شەھىرىدە بايقالغان ئۈچ يۇقۇمدارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى بولغان دېلتا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بېكىتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، خىتايدا يۇقۇملانغان كېسەللەر بىلەن سىرتتىن كىرگەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللەرنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولۇپ، چەت ئەلدىن كىرىش خەۋپى بولغان ۋىرۇسقا ھۇشيارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىنى «چەت ئەلنىڭ ۋىرۇسى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئالاتاۋ ئېغىزى شەھىرىدىكى بۇ ئۈچ يۇقۇمدارنىڭ قانداقلارچە دېلتا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئارقىلىق ۋىرۇس مەنبەسىنى چەت ئەلگە ئىتتىرىپ قويماقچى بولۇشىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن.