قەشقەردە ۋىرۇسنىڭ تۈگىگەنلىكى كۆپلىگەن گۇمانلارنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-10
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان دائىرىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە «ھېچقانداق يېڭى بىمار بايقالمىدى» دەپ خەۋەر بېرىشى كۆپلىگەن گۇمانلارنى قوزغىماقتا. بۇنىڭدا بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىپ كەلگەنلىكى مۇھىم سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىرى شۇ جايدىكى قامالنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە كېڭەيگەنلىكى بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىغا شۈبھە پەيدا قىلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىمقى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئىككىلەمچى تەسىرى ھەققىدە «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 10-نويابىردىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىىشچە، خىتاي تېببىي ئالىملىرى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئارىسىدىكى بالىلارنىڭ ئۈچىيىدە بۇ ۋىرۇسنىڭ تېزدىن كۆپىيىدىغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ئاللىقاچان ساقىيىپ بولغان بالىلاردىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. قەشقەردىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇ ھالنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن خىتايدىن تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئىمپورت قىلىش ھەققىدىكى توختامنى ۋاقتىنچە بىكار قىلغان. خەۋەردە مەزكۇر ۋاكسىنا سىنىقى جەريانىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكسىنىسى ئامېرىكادىكى «فايزىر» شىركىتىنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى 90 پىرسەنتتىن ئاشىدىغان ۋاكسىنا ياساپ چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بىلەن تەڭلا بازارغا چىققان. نۆۋەتتە بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ‍ئۆزلىرىنىڭ ھازىرچە خىتايدىن زور مىقداردا ۋاكسىنا ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت