ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن 23 ئادەم كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 9، غۇلجا شەھىرىدە 9، شىخو شەھىرىدە 2، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 1، جىمسار ناھىيەسىدە 1، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە 1 ئادەم كۆپەيگەن.
31-ئاۋغۇست كۈنىگىچە كېسەللىك دىياگنوزى قويۇلغانلار 52 ئادەم، ھازىر مەۋجۇت بولغان ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار 1670 ئادەم ئىكەن. يۇقۇملانغانلار ئىچىدە بىر ئادەم داۋالىنىپ ساقايغان، ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن 129 ئادەم ئايرىم كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئەسلىدىنلا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ۋىرۇس ئېغىر دەپ قارالغان جايلاردا خەلق ئۆيلىرىگە قامىلىپ، ئاچلىق ئازابىنى تارتىشقا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، خىتايلار بىلەن بۇ جايغا سولىنىپ قالغان خىتاي ساياھەتچىلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا يەنە يېڭىدىن ۋىرۇس يامراۋاتقان بولۇپ، شېنجېن، دالىيەن، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، شىجياجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەدە مىليونلىغان خىتاي ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، شەھەرلەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرى قامال قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قىسىم چېگرانى تاقاپ، چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنى كىرگۈزمىگەن ياكى ئۇلارنى شارائىتى ناچار مېھمانخانىلاردا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق كارانتىن قىلىشقا باشلىغان.