«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 6-سېنتەبىر چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار سانى 24 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 7، غۇلجا شەھىرىدە 12، شىخو شەھىرىدە 2، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 1، كورلا شەھىرىدە 2 يۇقۇمدار كۆپەيگەن؛ 4 ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان، 17 ئادەم ئايرىم كۆزىتىشتىن چىققان.
بۇ خەۋەردە «شىنجاڭدا ھازىرغىچە كېسەللىك دىياگنوزى قويۇلغانلار 16 ئادەم، ئالامەتسىز يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 603 ئادەم» دېيىلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆتكەنكى مەلۇماتلىرىدا ئومۇمىي يۇقۇم سانى 3000 دىن ئېشىپ كەتكەنىدى، ئەمدى بۇ سان تۇيۇقسىز ئازلاپ كەتكەن.
ھالبۇكى، 7-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە چىققان بىر خەۋەردە، ئۈرۈمچىدە 6 رايون «يېڭىدىن كۆپەيگەن خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن. تەڭرىتاغ رايونى، يېڭى تەرەققىيات رايونى، بۇلاقتاغ رايونى (شۈيموگو رايونى) ۋە كۆكتاغ رايونى (مىدۇڭ رايونى) دىكى بىر مەھەللە «ئېغىر خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن؛ كۆكتاغ رايونىدىكى ئىككى مەھەللە «ئوتتۇراھال خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، يۇقۇم ئېغىر دەپ قارالغان «خەتەرلىك رايون» لار قاتتىق قامال قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ-چىقىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. ئىچىكىرى خىتايدا يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش، بۇنداق «خەتەرلىك رايون» دا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولىدىغانلىقى، ئاچارچىلىق ۋە مەھكۇملۇق ئازابى تارتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.