مىسسۇرى شىتاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئەرزنامىنى سوتقا تاپشۇردى. بۇنىڭ بىلەن مىسسۇرى شىتاتى ئامېرىكادا بۇ ھەقتە رەسمىي ئەرز سۇنغان تۇنجى شىتات بولۇپ قالدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئامېرىكادىكى شەخسلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بىر ۋەقە ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىسسۇرى شىتاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسسۇرى شىتاتىدا كۆرۈلگەن زور ساندىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەسىگە جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن غەرەزلىك ھالدا يوشۇرۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەرزنامىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقى سەۋەبلىك بىز جۇدالىق، روھىي زەربە، ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق ۋە غايەت زور ماتەمگە گىرىپتار بولدۇق،» دېيىلگەن.
مىسسۇرى شتاتلىق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، باش تەپتىش ئېرىك شىمىسنىڭ ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنيانى ئالدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ قىلمىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە جاۋابكار بولۇشى لازىم،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىسسۇرى شتاتىدا ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق كىشى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ جان ئۈزگەن بولۇپ، ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئالتە مىڭدىن ئاشىدىكەن. بەزىلەر مىسسۇرى شتاتىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ۋىرۇس ۋاباسىدا ئۇچرىغان زىيىنىنى ئاز دېگەندىمۇ 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا، دەپ مۆلچەرلىمەكتە ئىكەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر بولغان نيۇ-يورك شتاتىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئاھالىسى شۇ كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. ئەرزنامىدە ئۇلار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى «ۋىرۇسنىڭ خەۋپىگە سەل قارىغان ھەمدە بۇ ھەقتە توغرا مەلۇمات بېرەلمىگەن،» دەپ ئەيىبلىگەن.