ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.26

25-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەرقايسى نازارەت ۋە ئىدارىلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ «روھىنى ئۆگىنىش» نى باشلىغان.

خىتاي باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار «شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىلىرىنى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن باشقا «ئۈچىنچى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى›نىڭ روھىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش»، «ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىككە بوشاشماس ھۇشيارلىق ۋە ئۈزۈلمەس ساقچى گۈدۈكى ئارقىلىق كېپىللىك قىلىش»، «ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق تىل ئارقىلىق جوڭخۇا ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشنى يۈكسەلدۈرۈش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش» قاتارلىقلار ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك فاشىستىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە داۋام قىلىش ھەققىدە جار سالغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر غەزەپلىنىش ھەققىمۇ قالمىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ رازى بولماستىن ئۇيغۇرلارنى ئۈزېل-كېسىل يوق قىلىۋېتىشنى قەستلىمەكتە» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.