خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ «خىتاي شىنجاڭدىكى ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق يەرشارى مىقياسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشتى،» دېگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 8-يانۋار كۈنى مىسىردىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەش بىلەن بىرگە «شىنجاڭدىكى مەسىلە قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش مەسىلىسىدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.
مىسىرنىڭ «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشتا مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرساھە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىكەن. بولۇپمۇ خەۋەردە مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بويىچە ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋاڭ يىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاپ قىلغان سۆزلىرىگىمۇ ناھايىتى كەڭ ئورۇن بەرگەن ۋە «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى غەرب ھاكىمىيەتلىرىنى يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى،» دېگەن.
مىسىر ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا مىسىردا ياشاۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشى ۋە غايىب قىلىنىشىدا خىتاي بىلەن قاتتىق ھەمكارلاشقان ئىدى. ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» ئىمزالىغانلىقى ۋە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، 3 ھەپتىدىن كېيىن تۇتقۇن باشلانغانلىقى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشى ئۈچۈن مىسلىسىز ھوقۇق بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
«بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ۋاڭ يى بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە «تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە شۇنداقلا ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» ھەققىدە كېلىشكەن.