خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 20-مارتتىكى ئاۋسترالىيە زىيارىتى باشلىنىش ھارپىسىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئاۋسترالىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دانيېلا گاۋشان (Daniela Gavshon) ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بېسىم قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ، ۋاڭ يىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن ئاۋسترالىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بەكلا ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشتا ئەكس ئەتكەن. 2022-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئېيتىلغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خۇلاسىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلەنگەن. ئوبزوردا مۇشۇ ئەھۋاللار ئەسكەرتىلىپ «قۇرۇق ئەندىشىنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوق. ھازىر بىزگە لازىمى كۈچلۈك بولغان ئەمىلى ھەرىكەت» دېگەن.
ئوبزوردا يەنە خوڭكوڭدىكى تەرەققىياتمۇ ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا ياردەم قىلىش، بۇ خىلدىكى زۇلۇملارغا شېرىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمىلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، بۇ ھەقتە ۋاڭ يىغا تېخىمۇ قاتتىقراق بېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا كۈچەۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ئوبزور دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئېلان قىلىنغان.