خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى ئاياغلاشقان. بىراق نۇرغۇن ئانالىزچىلار ۋاڭ يىنىڭ بۇ زىيارىتىدە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا. ئامېرىكادىكى «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپاغا قاراتقان زىيارىتى ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە ياۋروپادا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى سېپىل ھاسىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. بىراق ۋاڭ يى بۇ زىيارىتىدە كونكرېت نەتىجە ئالالمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى ئىككى ھەپتىلىك بۇ زىيارىتىدە ھەتتا گېرمانىيەدەك خىتايغا دوستانە بىر دۆلەتتىمۇ گۇمانلىق نەزەرلەر ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغان.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر ياۋروپا تەرەپ تاللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. بىراق خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرغانلىقى ۋە خۇاۋېي شىركىتى ئارقىلىق غەربنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يۆتكەپ جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەت جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى چەكلىشى، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىشى ۋە شۇنداقلا تەيۋەنەە تەھدىت سېلىشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سوۋۇشىنى تېزلەتتى.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى بۇ يىل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت بولۇپ، مايك پومپېيو زىيارىتىدە ياۋروپانى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەھلىلچىلەر خىتاينى ھازىر ياۋروپادا خىتايغا قارشى يامان كۆز قاراشنىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياۋروپا قىتئەسىنى ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
بىراق كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ساھىبخانا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇتتەھەم پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرىن تىۋىتتېردا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ياۋروپادىكى بەش دۆلەت زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ۋاڭ يىنىڭ بۇ سەپىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرماسلىق دەۋىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ سەپەردە چېخىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى شېرىكلىرىمىز خىتاينىڭ ‹خوڭكوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى،» دەپ يازغان.