جۈمە كۈندىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا ئەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى - «ئۈندىدار» غا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، نەچچە ئونلىغان داڭلىق ھېساباتلارنى تاقىغان.
«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى تاقالغان بەتلەر ئىچىدە بىر قىسىم داڭلىق ژۇرنالىستلارنىڭ شەخسىي بلوگلىرى بار ئىكەن.
بۇ ھېساباتلارنىڭ كۆپىنچىسى پەيشەنبە كۈنى لى كېچياڭ ئىككى يېغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىنى سۆزلەۋاتقان مىنۇتلاردا تاقالغان.
ھالبۇكى ئۇن دىدار مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى «Tencent» شىركىتى مەزكۇر ھەرىكەتنى «ئەخلەت ۋە ئوغرى خەت ئابۇتنلىرىنى تاقاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان.
ئىلگىرى «ئۈندىدار» نىڭ خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى قويۇق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلغان ئىدى.