ئىككى ئۇيغۇر ياش ۋېلىسىپىت بىلەن 6 مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەرگە ئاتلاندى


يېقىندا ئىككى ئۇيغۇر ۋېلىسىپىت بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىش سەپىرىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋېلىسىپىت بىلەن 6000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتمەكچى بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان.

«نۇر تورى» قاتارلىق ئۇيغۇر تورلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەسلى يىۋۇ شەھىرىدە تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ياش 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەپەرگە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇلار، ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىشنى پىلان قىلغان.

ئۇلار جاڭشى، خۇبېي، خېنەن سەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن، شۇنىڭدەك شىڭشىڭشيادىن تاكى قۇمۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئادەم شالاڭ، چۆللۈك يوللىرىنىمۇ ۋېلىسىپىت بىلەن بېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىل ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن.

«نۇر تورى» قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر يىگىتنىڭ سەپەر سۈرەتلىرىنى ئارقىمۇ - ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئۇچىسىغا ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىلىرى كىيىدىغان كىيىمدىن باشقا يەنە «جۇڭگو» دېگەن خىتايچە چوڭ خەت بېسىلغان مايكىلارنى كىيگەن، ۋېلىسىپىتلىرىغا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېسىۋالغان،ھەتتا يول ئۈستىدە يەنە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي دۆلەت بايرىقىنى تۇتۇپ سۈرەتلەرگە چۈشكەن.

مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇرغا ئائىت بۇ خەۋەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بىر قىسىم تور بەتلەردە ئىنكاس يازغانلار ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. ئەمما، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ ئىككى يىگىتنىڭ «جۇڭگو» دېگەن خىتايچە خەت يېزىلغان مايكا كىيىۋېلىشى ۋە ۋېلىسىپىتلىرىغا خىتاي دۆلەت بايراقلىرىنى ئېسىۋېلىشىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بەلكى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ياش يول ئۈستىدە ساقچىلار ۋە ئاھالىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ،توسالغۇ ھەم ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بەزى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنى كۆرسە مەلۇم قىلىش، ھەتتا ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىك قاتارلىق ئۇقتۇرۇشلارنى چىقارغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ئۇزۇن،جاپالىق سەپەرلەرگە تەۋەككۇل قىلىشى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر قىزى گۆلزۆھرە تەكلىماكان چۆلىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش سەپىرىگە ئاتلىنىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا خەلق تەرىپىدىن «تەكلىماكان مەلىكىسى»دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.