خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ماقالىسى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا چەكلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.19

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ «ماكاۋ ئاۋانگارتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەمبەھىرلەش چەكلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋ ئانىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان 4 قىسىملىق ماقالىسىدە خىتاينى ئادىللىق، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان ئىكەن. ئۇنىڭ «مېنىڭ ئانام» ماۋزۇلۇق ماقالىسى «ماكاۋ ئاۋانگارتى» گېزىتىدە 25-مارتتىن 15-ئاپرىلغىچە بولغان سانلىرىدا 4 قىسىمغا بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنغان.

ۋېن جياباۋنىڭ ماقالىسى چەكلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يۈز مىڭلاپ ھەمبەھىرلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنى ش جىنپىڭغا قارىتىلغان يوشۇرۇن تەنقىد، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ماقالىسىدە: «مەن كەمبەغەل ۋە ئاجىزلارغا ھېسسىداشلىق قىلىمەن. بوزەك قىلىش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرىمەن…مېنىڭ كۆڭلۈمدە خىتاي ئادىل ۋە ھەققانىي بىر دۆلەت بولۇشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئىچكىي دۇنياسى، ئادىمىيلىكى ۋە تەبىئىيتىگە ھەر ۋاقىت ھۆرمەتتە بولۇشى لازىم،» دېيىلگەن.

ۋېن جياباۋنىڭ ماقالىسىنىڭ شى جىنپىڭ دىكتاتۇرلۇق، ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقى قۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت سېلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقلىرى كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. «ۋايىس دۇنيا خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۈندىدار مۇنبىرى بۇ ماقالە «ئۈندىدار ئاممىۋىي مۇنبىرىنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەمبەھىرلەش چەكلەنگەنلىكى» نى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.