Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
2013.11.20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى «تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن باھانىلەر بىلەن چەكلەۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى مىكروسوفت شىركىتى Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە داڭلىق ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
مىكروسوفت شىركىتى 12-نويابىر ئۇيغۇرچە تىل بولۇقىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئۆز تور بېتىگە چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپيۇتېر قوللانغانلىرىغا سۇندى.
مەزكۇر تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ 3 كۈندىن كېيىن، Office 2013 يەنى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى سۇنۇلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن ئىكەن.
مىكروسوفت شىركىتى windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنى تۇنجى ئېلان قىلغاندا، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قوللايدىغان، ۋە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئىشلەپ چىققان. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى-Windows 8.1 نى تېخى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى بازارغا سالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللىدىن بۇيان «ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىشىنى بارا-بارا تارايتقان ئىدى.