خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا خىلاپ دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇلار بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋىللىيام نى بۈگۈن گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ زور تەھدىت يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە لايىھىدىكى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە بېرىلگەن تەبىرنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق بىر پىكىرنى «ئەسەبىيلىك» دەپ جازالاش پۇرسىتى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇ، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى «تېررورلۇق ياكى ئەسەبىيلىك» كە مەيلى بار، دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنىمۇ قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىش، سوتسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ياكى ھەر خىل ئۆزگەرتىش-تەربىيىلەشتىن ئۆتكۈزۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر لايىھىنى ماقۇللىماسلىققا ۋە ئۇنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا تۈزەپ چىقىشقا چاقىرغان.
ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويۇۋاتقان چەكلىمىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.