خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-ئىيۇن كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تۆھپىكار ژۇرنالىست، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، 70 ياشلىق قۇربان مامۇتنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىكەن. قۇربان مامۇت 2017-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكادىكى ئوغلىنى زىيارەت قىلىپ قايتقان. ئۇنىڭ شۇ يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. رادىيومىز يېقىندا قۇربان مامۇتنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش «خىتاينىڭ دادىسىنى تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇنىڭ ئامېرىكادا تۇغقانلىرىنىڭ بولۇشى سەۋەب بولغان،» دەپ قارايدىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-ئىيۇن ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا كىشىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاۋ خوڭجۈڭە خەت يېزىپ، قۇربان مامۇتنىڭ ئاقىۋېتىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك، ئىشەنچلىك، قايىل قىلارلىق پاكىت بولمىغۇچە ئۇنى قويۇپ بېرىشى؛ ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىشى؛ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇشى؛ ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» ئىكەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قابىل زىيالىيلار، تىجارەتچى ۋە دىنىي ئۆلىمالار ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان. قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى مەزگىلىدە بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە پىكىر-ئېقىمىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان ئىدى.