شى جىنپىڭ پىرېزىدېنت بايدېنغا ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.18

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 16-نويابىر شەنبە كۈنى پېرۇ پايتەختى لىمادا ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقان. ئۇلار كۆرۈشۈشتە تور جىنايەتلىرىدىن فەنتانىلغىچە، خەلقئارا سودىدىن تەيۋەن مەسىلىسىگە، جەنۇبىي دېڭىزدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشىگىچە بولغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەسكىن ئىختىلاپتىكى تېمىلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەردە، ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە شى جىنپىڭنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن بايدېننىڭ يەتتە ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بۇ ئۇچرىشىشى، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى كەسكىن ئىختىلاپتىكى مەسىلىلەرنى ئاخىرقى قېتىم سۆزلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى ئەسناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە، شى جىنپىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى «ئېگىز-پەسلىك» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «خىتاينىڭ مۇقىم، ساغلام ۋە ئىزچىل بولغان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتى ئۆزگەرمىدى» دېگەن.

بۇ ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنىڭ يەنە «خىتاي تەرەپ ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە ئارىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە تەييار» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. سۆھبەتتە بايدېن شى جىنپىڭغا ئىككىيلەننىڭ پىكرى دائىم بىردەك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇچرىشىشلارنىڭ «ئوچۇق» ۋە «سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن خىتاي بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما سۆھبەتتە ئىختىلاپلىق چوڭ مەسىلىلەردە چوڭ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بېشارەت يوق ئىكەن.

سۆھبەتتە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ «تەيۋەن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى» قاتارلىق ئامېرىكا ئاتلاپ ئۆتمەسلىكى كېرەك بولغان «تۆت قىزىل سىزىق» نى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ھالبۇكى، ئاقساراينىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاينىڭ «ئادالەتسىز سودا سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ داۋاملىق ئىلغار ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى»، ئۇنىڭ يەنە «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقى، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىش بۇرچى بارلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتى قايتا سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپ، ماركۇ رۇبىيو، مايك ۋالتىزغا ئوخشاش خىتايغا قاتتىق قول سىياسىيونلارنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىگەن، شۇنىڭدەك خىتاي تاۋارلىرىغا 60 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.