شى جىنپىڭ تىبەت بۇتخانىلىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىدى
2024.06.20
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چىڭخەي ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغان ھەمدە تىبەت بۇددىزمىنىڭ مۇقەددەس سەجدىگاھلىرىدىن بولغان بىر قىسىم ئىبادەتخانىلارنى زىيارەت قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ بۇ قېتىم زىيارەت قىلغان ئىبادەتخانىلار بىردەك شىنىڭ شەھىرىدە بولۇپ، 1951-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىبەتنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان تارىخىي ئورۇنلار ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىممۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى» كۈچەيتىش، «پارتىيەنى ۋە دىننى سۆيۈش» مەسىلىلىرىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك تىبەت بۇددىزمىنىڭ بۇ باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ جەرياندا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ ئومۇمى يۆنىلىشىگە قەتئىي ئەگەشكەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈش، شۇنداقلا دىنىي ئىشلار ۋە دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى ياخشى باشقۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تەشۋىقاتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللاپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە ۋۇجۇدقا چىققان. بۇ قانۇن بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىبەت ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە ئاجراتقان مەبلەغنى كۆپەيتىدىكەن. يەنە كېلىپ 20-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نەنسى پېلوسى قاتارلىق يەتتە نەپەر ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك ھىندىستاندىكى دارامسالادا تىبەتلەرنىڭ سەرگەردان داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ «دالاي لاما بىز بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەۋقەدىكى خاتالىقىنى تولۇق توغرىلىشى لازىم» دېگەن.