شەندۇڭدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 9 ئادەم ئۆلگەن

چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 9 ئادەم ئۆلگەن.

شىنخۇا ئاخباراتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە شەندۇڭدىكى تيەنباۋ خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە قاراشلىق بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن، ئەمما پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى دەلىللەنمىگەن.

دائىرىلەر پارتلاشتا قازا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى DNA سىنىقى ئارقىلىق بېكىتىشكە ئۆتكەن.

بۇ ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن 2 -قېتىملىق خىزمەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پاتلاش ھادىسىسى.

بۇ يىل 12 -ئاۋغۇست تيەنجىن پورتىدا زور پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 173 ئادەم ئۆلگەن، 700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى پورتتىكى پارتلاشتىن كېيىن خىزمەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرىنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.