بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى خىتايغا سېتىشنى توسۇپ قېلىشقا چاقىردى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جۇڭۋاڭ ئاليۇمىن ھەسسىدارلىق شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى شىركىتى-ئالېرىس گۇرۇھىنى 2 مىليارد 330 مىليون دوللارغا سېتىۋالماقچى بولغان. بۇ خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، 9-ئىيۇن 27 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن منۇچىن ئەپەندىمگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن ۋە بۇنىڭ بىر «ئىستراتېگىيىلىك خاتا قەدەم» بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە نەقىل ئېلىشىچە، مەكتۇپتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «چەتئەل مەبلەغ سېلىش پروگراممىلىرى ئىلغار ۋە سەزگۈر ھەربىي تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بېرىپ تاقالغاندا، ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتېتىنىڭ بۇنداق تۈرلەرگە ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلمىقى بەك مۇھىم.»
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مەكتۇپىدا ئالېرىس گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار بىر قىسىم قېتىشما مېتاللارنى سىناق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، مەزكۇر شىركەتنىڭ تەتقىقاتى ھەمدە تېخنولوگىيىسى ئامېرىكا ئىقتىسادى شۇنداقلا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن بەكمۇ ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار مەكتۇپىدا يەنە، جۇڭۋاڭ شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ تىپىكى شىركەتلەرنىڭ دائىم خىتاي ھەربىي ساھەسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ساقلايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭۋاڭ خىتايدىكى ئەڭ چىڭ ئاليۇمىن سودىگىرى ليۇ جوڭتيەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى سېتىۋېلىش سودىسى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى نويابىردا نەچچە ئون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئەينى چاغدىكى مالىيە مىنىستىرى جەك لېۋگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى بۇ سودىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.