ئىرانغا چەكلەنگەن ئىلغار تېخنىكىلىق يادۇر ئەسلىھەلىرىنى ئېكسپورت قىلىش سۇيىقەستى پىلانلىغان خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىدا جازاغا تارتىلماقچى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، چېڭ سىخەي ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىغا چېتىلغان «ئەيۋاز» شىركىتىگە يادرو ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان زاپچاسلارنى ئېكسپورت قىلىشنى مەخپىي پىلانلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چېڭ شاڭخەيدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ترانسلياتور (ئېنېرگىيە ئۆزگەرتكۈچ) نى ئاۋۋال خىتايغا ئىمپورت قىلىپ، ئاندىن خىتايدىن ئىرانغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان.
ئىران ئامېرىكا سودا ئېمبارگوسى قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىرانغا يادرو ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى چىقىرىش چەكلىگەن.
چېڭ ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈپ، ئىرانغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان بۇ ئۈسكۈنە يادۇر ساھەسىدىكى ئوران قويۇلدۇرۇش مەشغۇلاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
مەزكۇر دېلونى ماسساچۇسېتس شتاتى تۇتقان بولۇپ، شتات چېڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
چېڭ بۇ يىل فېۋرالدا ئەنگلىيەدە قولغا ئېلىنغان.
دائىرىلەر چېڭنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىپ سوتقا تارتىش مەسىلىسىنى بۇ يىل ئىيۇندا سۆزلىشىدىكەن.