ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە 4 خىتاي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرىكىتىنى چەكلەشكە تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.06.04

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئاز دېگەندە 4 خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىسىنى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇشنى كۆزلىمەكتىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» تىزىملىكىگە ئېلىنىدىغان ئورۇنلار خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى- «CCTV» قانىلى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولغان «خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ ئۇلغىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا خىتاينىڭ 5 خەۋەر ئورگىنىنى چەتئەللەرنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىدىغان «چەتئەل دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، يەنى «CGTN» قانىلى، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى، «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەت ھازىر كۈنسايىن ئۇلغيىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى قارارلار ئېلىنماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار 9 شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 33 خىتاي شىركىتى ۋە جەمئىيەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغان ئىدى.

مەزكۇر قارا تىزىملىك «ئامېرىكا مۇئەسسەسە تىزىملىكى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئامېرىكا بازارلىرىغا مال كىرگۈزۈشتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 3-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان 33 خىتاي شىركىتى ۋە ئورگىنىغا قويۇلىدىغان چەكلىمە قارارىنىڭ 5-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.