ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكىنىڭ سېرىق پۇرچاق قاتارلىق بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بەزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۈگۈن بۇ ھەقتە تىۋېتتىردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئورۇشىغا كىرمىگەنلىكىنى، بۇ ئۇرۇشنىڭ خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ ئاخىرلىشىپ بولغانلىقى ۋە يارامسىز رەھبەرلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سېرىق پۇرچاق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەڭ زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى خىتايغا 12 مىليارد دوللارلىق سېرىق پۇرچاق ساتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىغا پىكىر بايان قىلغان بەزى كۆزەتكۈچىلەر، سېرىق پۇرچاقنىڭ ئامېرىكىدا ئاينوۋا قاتارلىق ترامپنى كەڭ كۆلەمدە قوللايدىغان شتاتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ شتاتلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئارقىلىق ترامپنى قارارىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما مارك ۋىلليامىس قاتارلىق بەزى ئىقتىسادشۇناسلار، خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان سېرىق پۇرچاقنى ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەت تەمىنلەپ بولالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئاۋۋال بەل قويۇۋېتىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.