ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە ئەنئەنە بويىچە بۇ بايرامنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى ۋە خىتايچە خەتلىك قىزىل پانۇسلارنى ئاسقان. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەڭزىگە بىر تۇتاش خىتاي بايرىقى تامغا شەكىلدە بېسىلغان. يەنە بەزى جايلاردا بولسا خىتايلارنىڭ ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلىرى» نىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇشقا تەشكىللەنگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر ھەرقاچان قوللىنىپ كەلگەن كونا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىلىق توختىلىپ: «خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە تامغا قىلىپ ئۇرالىغان بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورنىتالمايدۇ» دېدى.