خىتاي، ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.10.24

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى جېيمىس لارسېن (James Larsen) ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئوقۇپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 23-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنى «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن باياناتىدا، ب د ت يىغىنىدا پاكىستان باشچىلىقىدىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامىدىكى سىياسىي كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لىن جيەن باياناتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكانى نىشانغا ئېلىپ «ئاۋسترالىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك جىنايىتى مەۋجۇت. ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق، قورال زوراۋانلىقى، ئەدلىيە ئادالەتسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بار» دەپ ھۇجۇم قىلغان.

ABC خەۋەر قانىلىنىڭ دېيىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس ساموئانىڭ پايتەختى ئاپيادىكى مەزگىلىدە خىتاينىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاب بېرىپ، «بىز ئەلۋەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايمىز، بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغان يەردە ھەمكارلىشىمىز، قارشىلىشىدىغان يەردە قارشىلىشىمىز. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز ھەر دائىم ئوچۇق ۋە ئىزچىل بولۇپ كەلدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.