خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قارا كۈچلەرنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش 21-نازارەت گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان ۋە 9-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلغان بۇ يىغىندا سىياسىي ئورۇننى يۈكسەلدۈرۈش، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش چاقىرىقى تەكىتلەنگەن. يىغىندا «بەشنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە «تۆتنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق كونا شوئارلاردىن باشقا يەنە شەكلى بىرئاز يېڭىلانغان مەسىلە بايقاش، مەسىلە تەكشۈرۈش، مەسىلە تەتقىق قىلىش، مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق شوئارلار قويۇلغان.
ئۇيغۇر رايونىدا 2015-يىلى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان مەسىلە تاپشۇرۇش دولقۇنىدا يۈز مىڭلارچە كىشى ئۆزلىرىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ مەسىلە سۈپىتىدە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى. دائىرىلەر يېقىندا كادىرلار ئارىسىدىمۇ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە ھەرىكەتتىمۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى «قارا كۈچلەرنى تازىلاش» يىغىنىدىكى ئەڭ يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يوقىتىش» شوئارى بولۇپ، بۇ شوئارنىڭ ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارىتىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت سۇلايمان ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر» نى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى يەنى ئۇلارغا مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى بايان قىلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قارا جەمئىيەتكە قارشى كۈرەش دولقۇنىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل 8-ئاپرېلدىن 25-مايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.