خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇقىملىقنى ساقلاش قورالى» بولغان بىڭتۇەننى زور كۈچ بىلەن يۆلىمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.12

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 12-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1999-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى باي قىلىش» سىياسىتى بىڭتۇەنگە غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى بىڭتۇەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى چۆل-جەزىرە ۋە چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەن ‹چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى باي قىلىش› ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى». 

خىتاي ھۆكۈمىتى 1999-يىل باشلىغان بۇ سىياسەت 2009-يىلىغا كەلگەندە بىڭتۇەننىڭ 58 پولك-مەيدانلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ بولغان. بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بىڭتۇەننىڭ سۇ قۇرۇلۇشى، يەر قۇرۇلۇشى، ئۆي ۋە زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مىقتاردا مەبلەغ سېلىنغان.  2018-يىلدىن بۇيان، 32 تۈر قۇرۇلۇشىغا 93 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. 2020- ۋە 2021-يىلى بىڭتۇەننىڭ «قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى» 11-ليەنىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغىلا 11 مىليون 469 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاۋغۇست بىڭتۇەن ھەققىدە چىقارغان بىر خەۋىرىدىمۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، بىڭتۇەننىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرا رايوننى قوغداش» رولىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى بىڭتۇەنگە يەم قىلىش سىياسىتى ئىزچىل دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولماقتا.  ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئېلان قىلغان «زاپاس ئاشلىق توپلاپ چېگرا رايوننى قوغداشتىن مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرا رايوننى قوغداشقىچە» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى ئىزچىل ھالدا ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› رولىغا باغلاپ كەلدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بىڭتۇەن يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا نامراتلىق گىردابىغا سۆرەپ كەلدى».           

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.