خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بۇ يىللىق چاغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت-بايرىمىغا ئايلاندۇرۇلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.12

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان چاغان، ئۇيغۇرلار ھەر يىلى قىزغىن كۈتۈۋالىدىغان، جۇشقۇنلۇق تەبرىكلەيدىغان ئەنئەنىۋى ھېيت-بايراملىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەردە ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار يەنە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ چاغانلىق تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلغان. خىتاي تارتقۇلىرىنىڭ چاغانلىق خەۋەرلىرىدە، خوتەندىن تارتىپ ئالتايغىچە، غۇلجىدىن قۇمۇلغىچە بولغان كەڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر-بازار، يېزا -كەنتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇس ئېسىپ، مەسنەۋى چاپلاپ، ئۆيلىرىنى شەرقچە بېزەش، چاغانلىق تۈگرە، گۈللۈك مانتا تۈگۈش، چاغانلىق ئاممىۋى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

بۇ يىللىق چاغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق تەشۋىقات تېمىسىغا ئايلىنىشى، خەلقئارادا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ب د ت نىڭ بۇ يىل 1-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلانغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان. «شىنجاڭ گېزىتى» 9-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، «چاغاننىڭ ھارپا كېچىسى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھەممە جايى بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنلىكى، پۈتۈن دۇكانلارغا قىزىل مەسنەۋى ۋە ‹فۇ› يەنى مەمۇرچىلىق، دېگەن خەتلەرنىڭ چاپلىنىپ، يېڭى يىلدىكى ئامەت ۋە بەختكە سىمۋول قىلىنغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە قەشقەردىكى «قىزىل پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن دەرەخ شاخلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئىللىق بايرام كەيپىياتى ئاتا قىلىدىغانلىقى» تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بۇ قەدىمىي شەھەردە ھاياتنىڭ «نورماللاشقانلىقى»  سۈرەتلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن رايوندىكى چاغانلىق پائالىيەتلەردە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، پائالىيەتكە قاتنىشىشى، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ دۇمباق ئۇسۇلى، ئەجدىھا ئوينىتىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئورۇنلىنىپ، ئورىگىنال ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ ئېغىر ئەبجەشلەشتۈرۈلگەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.